UYNTV

[دۇنيا لوڭقىسى]Gگۇرۇپپا :گېرمانىيەvsپورتوگالىيە 4:0

تەھرىر:艾海提 | كېلىش مەنبەسى:مەركىزى تېلىۋىزىيە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:17-06-2014 18:54

video

 

      17 -ئىيۇن سەھەر سائەت 0:00 دە ئۆتكۈزۈلگەن G گۇرۇپپىنىڭ 1-مەيدان مۇسابىقىسىدە، گېرمانىيە كوماندىسى ئۆزىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تارىخىدىكى 100-مەيدان مۇسابىقىنى كۈتىۋالدى، مۇسابىقىدە گېرمانىيە كوماندىسى پورتۇگالىيە كوماندىسىنى 0:4 يەڭدى. 13-نومۇرلۇق ماھىر مۇللېر ئۈچ توپ، 5-نومۇرلۇق ماھىر خۇمېلس بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقە باشلىنىپ يېرىم سائەتچە بولغاندا، پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەچىسى پېپېغا قىزىل كارتا بېرىلدى، ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ھۇجۇمچىسى ئالمېردا، كېيىنكى يېرىم مەيداندا سول مۇداپىئەچىسى كونتېران يارىلىنىپ قالدى. مۇسابىقىنىڭ تەڭدىن تولىسىدا پورتۇگالىيە كوماندىسى 10 ئەزا بىلەن تىركىشىپ پايدا ئالالمىدى، بۇ ھەم پورتۇگالىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم بىر مەيداندا تۆت توپ ئۇتتۇرۇشى.

1

2

3

4

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ