UYNTV

يامغۇر ماھىرلارنىڭ ئىرادىسىنى سىنىدى

تەھرىر:زۆھرە تۇرسۇن | كېلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:02-07-2015 11:30

   تەڭرىتاغ تورى، بەيتۈن خەۋىرى: تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنىڭ 6-مۇسابىقە بۆلىكى قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقى مۇسابىقە بۆلىكى بولۇپ، بۇ سانجى ئوبلاستى رەڭدى كىرىشتىن بۇ قېتىمقى تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بېكىتى بەيتۈن بازىرىغىچە بولغان مۇسابىقە بۆلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 6-مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 430 كىلومېتىر بولۇپ، (موتسىكلىت گۇرۇپپىسنىڭ باسىدىغان مۇساپىسى 330 كىلومېتىر)  ماھىرلار چۆللۈك، دەريا قېنى، قۇملۇقىنى بېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، ئاچال يول ئېغىزلىرى بىر قەدەر كۆپ. مۇسابىقە داۋامىدا چارۋىچىلىق رايونىدىكى يوللارغا كىرگەندە يېيىلىپ يۈرگەن چارۋا ماللار بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا ماللاردىن ئېھتىيات قىلىپ مۇسابىقىنى غەلبىلىك تاماملاش ئانچە ئاسانغا چۈشمەيدۇ. مۇسابىقە مەزگىلىدە ياغقان يامغۇر ماھىرلارنىڭ ئاخىرىقى نۇقتىغا يېتىپ بېرىش ئىرادىسنى بوشاشتۇرالمىدى.

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ