UYNTV

شىنجاڭدىكى پۇتبول ئۆسمۈرلىرىنىڭ چېمپىيونلۇق يولى

تەھرىر:زۆھرە تۇرسۇن | كېلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:13-07-2015 15:17

شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىنىڭ U15 كوماندىسىدىكى ئەزالار مەشق قىلماقتا

   شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 9-ئىيۇل تېلېگراممىسى: بۇ يىل ياز شىنجاڭدىكى پۇتبولچى ئۆسمۈرلەر خېلى ياخشى «ھوسۇل»غا ئېرىشتى. 2015-يىللىق شىنجاڭ ئۆسمۈر ئوغۇللار U16 پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (بېيخەي مۇسابىقە رايونى)دە شىنجاڭ پۇتبول بىرلەشمىسى غەلىبىلىك ھالدا چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالدى؛ شىنجاڭ ئاتۇش پۇتبول كوماندىسى جۇڭگوغا ۋاكالىتەن قاتناشقان 10-نۆۋەتلىك رۇسىيە ئۆسمۈرلەر خەلقئارا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولىغا ئالدى؛ 2015-يىللىق مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى(چۇڭچىڭ مۇسابىقە رايونى)دە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسى چېمپىيون بولدى ... نەچچە ئون يىللىق پۇتبول تارىخىغا ئىگە 5-باشلانغۇچ مەكتەپتە بۈگۈنكى كۈندە ئوخشىمىغان ياشتىكى ئوغۇللاردىن تەشكىللەنگەن تۆت كوماندا ۋە بىر قىزلار كوماندىسى، 120 دىن ئارتۇق پۇتبولچى ئەزىمەت بار بولۇپ، يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ مەملىكەت دەرىجىلىك چېمپىيونلۇقتىن توققۇزنى، خەلقئارا دەرىجىلىك چمپىيونلۇقتىن تۆتنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەكتەپ پۇتبول ھەرىكىتىدە داڭ چىقاردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مەكتەپ پۇتبولى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، مەكتەپ پۇتبول كوماندىلىرى مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە ئارقا-ئارقىدىن نەتىجىگە ئېرىشىپ تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. بۇ يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ ھەر يىلى دۆلەت دەرىجىلىك مەكتەپ پۇتبولىدا ئۈلگە كۆرسىتىش مەكتىپىدىن 300 نى، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە مەكتەپ پۇتبولىدا خاسلىققا ئىگە مەكتەپتىن 800 ~ 900 نى، مەكتەپلەردە پۇتبولنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ناھىيە (شەھەر، رايون) دىن ئۈچنى ۋە ئۈچ ئالىي مەكتەپتە يۇقىرى سەۋىيەلىك پۇتبول كوماندىلىرى قۇرۇپ چىقىپ، ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مەكتەپ پۇتبول ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇشنى پىلانلىدى. بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭدىكى مەكتەپ پۇتبولىدا خاسلىققا ئىگە مەكتەپلەردە بۇ يىل سنتەبىردىن باشلاپ ھەر ھەپتىدە بىر سائەت پۇتبول دەرسى ئۆتۈلۈپ، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى پۇتبول مۇتەخەسسىسلىرى، 1-سەپتىكى پۇتبول تىرېنرلىرى ۋە خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەر بىرلىكتە تۈزگەن مەكتەپ پۇتبول ئوقۇتۇش قوللانمىسى دەرسلىك قىلىنىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇكەممەل بولغان «مەكتەپ پۇتبولى» مۇسابىقە تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، سېنتەبىردىن باشلاپ يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا، ئۇنىۋېرسىتېت قاتارلىق تۆت دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقە سىستېمىسىدا ئىشلىتىلىدۇ. 

شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىنىڭ U15 كوماندىسىدىكى ئەزالار مەدەنىيەت دەرسىگە قاتناشماقتا، بىر ئوقۇغۇچى كىتابىغا «C罗» دەپ يېزىۋالغان

 شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىنىڭ U15 كوماندىسىدىكى ئەزالار مەشقتىن بۇرۇن ئاياغ ئالماشتۇرماقتا

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ