UYNTV

تويبولدى بازىرىدا مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

تەھرىر:زۆھرە تۇرسۇن | كېلىش مەنبەسى:مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:14-07-2015 16:33

    مۇھەممەتجان ئابدۇرېھىم، رىزۋانگۈل ئەيسا خەۋىرى، فوتوسى: شايار ناھىيەسى تويبولدى بازىرىدا 12-ئىيۇل مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە تويبولدى بازىرى ۋە گەزقۇم يېزىسىدىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق چېلىشچى قاتنىشىپ، 60 كىلوگراملىقلار، 70 كىلوگراملىقلار، 80 كىلوگراملىقلار بويىچە ئايرىم–ئايرىم كەسكىن رىقابەتلەشتى. ئاخىردا نەتىجىگە ئېرىشكەن 24 ماھىر ماددىي بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلاندى، 2000 دىن ئارتۇق دېھقان –چارۋىچى نەق مەيداندا مۇسابىقە كۆردى، بۇنىڭ بىلەن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىي تۇرمۇشى بېيىتىلىپ، ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەت ئەۋج ئالدۇرۇلدى.

 

 

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ