UYNTV

2015-يىللىق كورىيە كۋاڭجۇ ئىستۇدېنتلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

تەھرىر:زۆھرە تۇرسۇن | كېلىش مەنبەسى:مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:15-07-2015 16:50

   28-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىستۇدېنتلار يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 14-ئىيۇل كورېيەنىڭ كۋاڭجۇدا ئاياغلاشتى، كېلەركى نۆۋەتلىك مۇسابىقە 2017-يىلى تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. كورېيە زۇڭلىسى خۇاڭ جياۋئەن كۋاڭجۇ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېپىلىش مۇراسىمىدا 2015-يىللىق كورېيە كۋاڭجۇ ئىستۇدېنتلار يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 8000 دىن ئارتۇق ماھىر يېنىك ئاتلېتىكا، سۇ ئۈزۈش، پۇتبول، ۋاسكېتبول، ۋالىبول قاتارلىق 21 چوڭ تۈر، 272 كىچىك تۈر بويىچە مۇسابىقىلەشكەن. جۇڭگو ئىستۇدېنت تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدە جەمئىي 596 نەپەر ماھىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 380 تەنھەرىكەتچى گىمناستىكا، يېنىك ئاتلېتىكا، نەيزە ئېتىش قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە 20 چوڭ تۈر بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشقان.

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ