UYNTV

جۇڭگو چاقلىق كانكا مۇسابىقىسى قارامايدا باشلاندى

تەھرىر:زۆھرە تۇرسۇن | كېلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:16-07-2015 18:25

  

    2015-يىللىق جۇڭگو تېز سۈرئەتتە چاقلىق كانكا تېيىلىش ئاشكارا مۇسابىقىسى 15-ئىيۇل نېفىت شەھىرى قارامايدىكى ئېكولوگىيە بەدەن چېنىقتۇرۇش باغچىسىدا باشلاندى. مۇسابىقىنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئىجتىمائىي تەنتەربىيەگە يېتەكچىلىك قىلىش جەمئىيىتى، جۇڭگو چاقلىق كانكا جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئىككى كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مۇسابىقىگە بېيجىڭ، جۇڭخۇا تەيبېي، جياڭسۇ، لياۋنىڭ، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 39 تارماق ۋەكىللەر كوماندىسىدىن 320 نەپەر ماھىر قاتنىشىدىكەن.

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ