UYNTV

ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسىنىڭ 10 نەپەر نامزاتى ئېلان قىلىندى

تەھرىر:زۆھرە تۇرسۇن | كېلىش مەنبەسى:ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:17-07-2015 12:45

    تېڭشۈن تەنتەربىيەسى خەۋىرى : 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا، 2015-يىللىق ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى (ئالتۇن توپ) نامزاتىغا تاللانغان 10 نەپەر توپچىنى ئېلان قىلدى. ئىسپانىيەدىكى بارسېلونا كوماندىسنىڭ ھۇجۇم سېپىدىكى ئۈچ توپچى مېسسى، نېيمار ۋە سۇئارېز بۇ تىزىملىكتىن ئالدى بىلەن ئورۇن ئالدى، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىن پەقەت كىرىستىئانو رونالدولا تاللاندى. ئالدىنقى پەسىلدىكى ئىتالىيە بىرلەشمىسنىڭ چىمپىيۇنى يۇۋېنتۇس كوماندىسىدىن بەش نەپەر توپچى كىرگەن، بۇ يىلدىكى ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى باھلاش 8-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ. دەسلەپتە 35 توپچى تاللاپ چىقىلغان، كېيىن يەنە بىر تاسقاپ ئاخىردا مېسسى، سۇئارېز، نېيمار، كىرىستىئانو رونالدو، خازارد، بۇففۇن، پوگبا، پىرلو، تېۋېز ۋە ۋىدال قاتارلىق 10 توپچى تاللاپ چىقىلغان. 10 توپچىنىڭ تۆتى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە توپ تېپىدۇ، (ئۈچى بارسېلونادا، بىرسى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسدا) بەش توپچى ئىتالىيە بىرلەشمىسدە توپ تېپىدۇ،(ھەممىسى يۇۋېنتۇس كوماندىسدا) ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر توپچى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى چېلسى كوماندىسدا توپ تېپىدۇ. گەرچە يۇۋېنتۇس كوماندىسىدىن بەش توپچى تىزىملىككە كىرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ھۇسۇل ئالالماسلىقى مۇمكىن! چۈنكى بارسېلونا كوماندىسىدىكى ئۈچ توپچى ئالدىنقى پەسىل ناھايىتى قالتىس ئوينىۋەتتى، بۇ ئۈچى ھەيران قالارلىق ھالدا جەمىي 122 توپ كىرگۈزدى. مېسسى ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئەينى چاغدىكى رىۋايەتلىك ھۇجۇمچى سارانىڭ ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزىۋەتتى. (251 توپ) نېيمار بىلەن سۇئارېزمۇ بارسېلونا كوماندىسنىڭ فىرانسىيە چىمپىيۇنى پارىژ سانت گېرمان، ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە چىمپىيۇنى مانچېستىر شەھىرى، گېرمانىيە بىرلەشمىسنىڭ چىمپىيۇنى بايرىن مىيۇنخىن ۋە ئىتالىيە بىرلەشمىسنىڭ چىمپىيۇنى يۇۋېنتۇس كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىكى پورتۇگالىيەلىك قاتىل ھۇجۇمچى كىرىستىئانو رونالدونىڭ گەرچە ئالدىنقى پەسىل كىرگۈزگەن توپ سانى ئاز بولمىسىمۇ، ئەمما مۇھىم مۇسابىقىدە ئىپاداىسى ئانچە ياخشى بولمىدى، ئاخىرلاشتۇرغۇچى رولىنى ئوينىيالمىدى. شۇڭا كىرىستىئانو رونالدونىڭمۇ بۇ مۇكاپاتنى ئېلىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس!

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ