UYNTV

خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋېببېر جىنايىتىنى ئىقرار قىلمىدى

تەھرىر:ئەھەد مىجىت | كېلىش مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:20-07-2015 11:26

1

(ئارخىپ سۈرەت)

چىرىكلىشىش دېلوسى سەۋەبىدىن ئامېرىكىنىڭ سوتلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋېببېر 18-ئىيۇل نيۇ يۇرك شەھىرىنىڭ برۇكلىنغا جايلاشقان بىر قوشما شىتات سوت مەھكىمىسىدە ئۆزى ئۈستىدىكى ئالدامچىلىق، پارا ئېلىش قاتارلىق ئالاقىدار ئەيىبلەشلىرىنى ئىقرار قىلمىدى، ئارقىدىن كېپىللىككە قويۇپ بېرىلدى.

ھازىر ۋېببېر ئۆزىنىڭ ئۈچ پاسپورتىنى تاپشۇردى. كېپىللىككە چىققاندىن كېيىن ئۇ نيۇ يوركتىكى بىر تۇرالغۇغا ئورۇنلاشتى، ئۇ ھەر ۋاقىت نازارەت ئاستىدا تۇرىدۇ.

ئالاقىدار قانۇن ئىجرا جادىملىرى: ۋېببېرنىڭ سوراق قىلىنغان مەزگىلدە ياخشى ماسلاشقانلىقىنى ئاشكارلىدى، ئەمما چېرىكلىك دىلوسىغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارلىمىدى. ېببېرنىڭ ئايالى، ئاتا ئانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇق تۇققانلىرىمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ سوتقا قاتناشتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ