UYNTV

شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپلىرىغا پۇتبولدا ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىدىن 50 ى قوبۇل قىلىنىدۇ

تەھرىر:زۆھرە تۇرسۇن | كېلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:21-07-2015 15:44

    مۇخبىرىمىز رەناگۈل خۇدابەردىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئاچقان 2015-يىللىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپلىرىغا 3300 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىكتىن 3000، بىڭتۈەندىن 300 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مايىللاشتۇرۇلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلقى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ بۇلتۇرقىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپلىرىغا بۇ يىل تۇنجى قېتىم پۇتبول كەسپىي سىنىپى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ كەسىپكە توپ تېپىشتە ئالاھىدە ئىقتىدارى بار ئوقۇغۇچىدىن 50ى قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى 19-ئىيۇل ئېلان قىلىنىدىكەن.

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ