UYNTV

مىسران ئوسماننىڭ قاناتلىنىۋاتقان پۇتبول ئارزۇسى

تەھرىر:زۆھرە تۇرسۇن | كېلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:23-07-2015 17:18


   12 ياشقا كىرگەن مىسران ئوسماننىڭ ئالاھىدە تۇغما پۇتبول تالانتى بولۇپ، دۆلەت كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە، خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۇنىڭ ئارزۇسى. ئۇ 2012 – يىلى 9 – ئايدا گۇاڭجۇ ‹‹خېڭدا›› پۇتبول مەكتىپىگە قوبۇل قىلىندى. ھازىر ئۇ گۇاڭجۇ ‹‹خېڭدا›› پۇتبول مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان بىرەر يۈزچە شىنجاڭلىق بالىلار ئىچىدە كىچىك پۇتبول چولپىنى بولۇپ قالدى. مىسران ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشماقتا.

   11 ياشلىق بىلال قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كاۋاك يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. تۇرمۇش شارائىتى جاپالىق بولسىمۇ، بىلال پۇتبول تېپىشنى ياخشى كۆرىدۇ، دائىم دوستلىرى بىلەن بىللە توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان مەيداندا توپا توزىتىپ، يالىڭاياغ توپ ئوينايدۇ. ئۇ مېسسى، رونالدودەك پۇتبولچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

   ساخاۋەتچىلەر بىلەن كارخانىلار تەشكىللىگەن بىر مەيدان مۇسابىقە سەۋەبلىك بىلال تۇنجى قېتىم كاۋاك كەنتىدىن چىقىپ، چىملىق پۇتبول مەيدانىغا چىقتى ھەم مىسران بىلەن ئۇچراشتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىيلەننىڭ ئورتاق پۇتبول ئارزۇسى بىر – بىرىگە باغلىنىپ، قويۇق دوستلۇق ئورناتتى. بىلال مىسران ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مەدەت بېرىشى ۋە ياردىمىدە، بۇ يىل 5–ئايدا ‹‹خېڭدا›› پۇتبول مەكتىپىنىڭ 2015–يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئارزۇسىغا يېتىش سەپىرىگە ئاتلاندى.

   ئۈمىد–ئارۇزغا بولغان تەشنالىق ۋە دوستلۇققا بولغان چىن ھېسسىيات مىسران بىلەن بىلالنىڭ ئورتاقلىقى بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدىكى نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسىدۇر.

  لى خەن

 ئارزۇسىغا دادىل ئىنتىلىش، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش

   ‹‹دادا، ئاپام ئىككىڭلار سالامەت تۇردۇڭلارمۇ؟ تۇغۇلغان كۈنۈمگە ئاز قالدى، شۇڭا سىلەرگە تېلېفون قىلدىم، بىز كېلەر ھەپتىدىكى مۇسابىقە ئۈچۈن ياخشى مەشىق قىلىۋاتىمىز، كېلەر ھەپتە بىزدىن ئىككى يىللىق يۇقىرى سىنىپتىكلەر بىلەن مۇسابىقىلىشىمىز...›› مىسران ھەر شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ئاتا – ئانىسىغا تېلېفون قىلىدۇ، ئەمدىلا 12 ياشقا كىرگەن بۇ بالىنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭيۈەن شەھىرىدىكى ‹‹خېڭدا›› پۇتبول مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولدى. مىسران ئاتا – ئانىسىنىڭ يېنىدا بولمىسىمۇ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۆگىنىشىنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرالايدىغان بولدى.

   ‹‹ئۆزۈممۇ پۇتبول ھەۋەسكارى. پۇتبول ئويناشتىن باشقا يەنە ياخشى مۇسابىقە بارلىقىنى ئاڭلاپلا قالسام، بىرىنى قويماي كۆرىمەن››، دېدى مىسراننىڭ دادىسى ئوسمان مىجىت. مىسران ئۈچ ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ ئوغلىغا پۇتبول سوۋغا قىلغان. مىسران بۇ پۇتبولنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇخلىسىمۇ قۇچاقلاپ ئۇخلايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن مىسران بەش ياشقا كىرگەندە، دادىسى ئۇنى پۇتبول كۇلۇبىغا توپ تېپىشنى ئۆگىنىشكە بەرگەن.

   مىسران پۇتبول كۇلۇبىدا پۇتبول ئويناشنى ئۆگىنىش جەريانىدا، ئاجايىپ تۇغما پۇتبول تالانتىنى نامايان قىلغان، ئۇ جاپالىق مەشىق قىلىغانلىقتىن ناھايىتى تېز ئىلگىرىلەپ، كۇلۇبتا توپ ئوينايدىغان بالىلارنىڭ سەركىسىگە ئايلانغان. 2012–يىلى ‹‹خېڭدا›› پۇتبول مەكتىپى ئۈرۈمچىدىن تۇنجى قېتىم 40 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، مىسران 1–تۈركۈمدە قوبۇل قىلىنغان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا كىرگەن، مىسران شۇ يىلى ئەمدىلا توققۇز ياشقا كىرگەنىكەن.

   ‹‹خېڭدا›› پۇتبول مەكتىپى ئىسپانىيە خان جەمەتى پۇتبول كۇلۇبى ھەمكارلىشىپ باشقۇرىدىغان مەكتەپ بولۇپ، دۇنيا دەرىجىلىك پۇتبول مەكتىپى. بۇ يەردە مەملىكەتنىڭ جاي – جايلىرىدىن كەلگەن، پۇتبولنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلار ئوقۇيدۇ. ئوسمان: ‹‹2012–يىلىدىن تارتىپ ھازىرغىچە، گۇاڭجۇ <خېڭدا> پۇتبول مەكتىپى يۈزدىن كۆپرەك شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى››، دېدى.

   ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى ئىككى سائەتلىك دەرستىن كېيىنكى قوڭغۇراقنىڭ چېلىنىشى مىسراننى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ، چۈنكى، كېيىنكى ئىككى سائەتلىك دەرسنى ئۇلار پۇتبول مەيدانىدا تاماملايتتى، بۇ، مىسراننىڭ بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ خۇشاللىق مىنۇتلىرى ئىدى. مىسران: ‹‹مەكتەپكە يېڭى كەلگەندە، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلاپ، دادامنى تېزرەك كېتىشكە زورلىدىم، بىراق ئىككى كۈندىن كېيىنلا پۇشايمان قىلدىم، ھەتتا كېچىدە يوتقانغا پۈركىنىپ يىغلىغان چاغلىرىممۇ بولدى. چۈنكى بۇ يەردە مەيلى ئۆگىنىش ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن، ئۆزۈمگە تايىنىدىكەنمەن ئەمەسمۇ››، دېدى. بىراق، مىسران يەنىلا داۋاملاشتۇرۇش يولىنى تاللىدى. ‹‹بۇ يەردىكى ئۆگىنىشتىن ۋاز كەچسەم، ئارزۇيۇم كۆپۈككە ئايلىنىدۇ، چوڭ بولغاندا چوقۇم پۇشايمان قىلىمەن››، دېدى ئۇ.

   4–ئاينىڭ 19–كۈنى مىسراننىڭ 12 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى. ساۋاقداشلار ئۇنى تەبرىكلەپ، تۇغۇلغان كۈن ناخشىسىنى ئېيتىۋاتقاندا، دادىسى تۇيۇقسىزلا تورتنى كۆتۈرۈپ سىنىپقا كىردى. مىسران ئىنتايىن ھاياجانلاندى، بۇ، مىسراننىڭ ‹‹خېڭدا›› پۇتبول مەكتىپىدە ئوقۇغان ئۈچ يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم دادىسى بىلەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈشى ئىدى. مىسران دادىسىدىن ئۆزى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىش، يەنى بۇ يىل مەكتەپنىڭ ئۈرۈمچىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان – قىلمايدىغانلىقىنى، ياخشى دوستى بىلالنىڭ ئىمتىھان بېرىدىغان – بەرمەيدىغانلىقىنى سوراشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ