UYNTV

نان مەدەنىيىتىمىز ۋە بىجاق نېنى

تەھرىر:زۆھرە تۇرسۇن | كېلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:04-08-2015 12:09

  

(ماتېرىيال سۈرەت)

    ئۇيغۇر يېمەك – ئىچمەكلىرى قەدىمىيلىككە ئىگە بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى.بۇنى ئاپتونوم رايونىمىزدا بايقالغان ئارخېئولوگىيەلىك قىزىلمىلاردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. نان ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇننى تۇتىدىغان ئەڭ قەدىمىي ئوزۇقلۇقلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرغىچە داستىخىنىمىزنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. مىللىتىمىزنىڭ ناننى ئۇلۇغلاش قارىشى ناننى سەپەر ئۇزۇقلۇقى قىلىش، نان بىلەن قەسەم قىلىش، ناننى ئاتلىماسلىق، دەسسىمەسلىك، نان ئۇۋاقلىرىنى تاشلىماسلىق، نان سوۋغا قىلىش قاتارلىق ئەنئەنىلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ. نان پىشۇرۇشقا كېتىدىغان خۇرۇچلار تۇز ھالاللىققا، دان ياكى بۇغداي ئۇنى ئاق كۆڭۈللۈككە، سۇ مېھنەت تەرلىرىگە، سىيادان، كۈنجۈت، زاراڭزا چېچىكى، پىياز قاتارلىق خۇرۇچلار ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىققا، سۈت، قايماق ئەمگەك مېۋىسىدىن ئالغان تۇرمۇش لەززىتىگە، قىزىرىپ پىشقان نان تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىگە، ناننىڭ مەززىلىك پۇراقلىرى مۇھەببەت ۋە بەخت خۇشاللىقىغا، ناننىڭ پۈتۈنلۈكى روھى ۋە جىسمانىي ساغلاملىققا، ناننى ساقلىغىلى بولىدىغان ئالاھىدىلىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە، ناننىڭ ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق بولۇش ئالاھىدىلىكى كەمتەرلىك ۋە ئاددىي – ساددىلىققا، داستىخان تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشى ۋە نان سوۋغا قىلىش مېھماندوستلۇققا، سەمىمىيلىككە، ناننى سەپەر ئوزۇقلۇقى قىلىش ئامان – ئېسەنلىككە سىمۋول قىلىنغان. ئۇيغۇر يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ گۈلتاجى بولغان نانغا ئەنە شۇنداق ئېسىل خىسلەتلەر ۋە ئىلغار قاراشلار سىڭدۈرۈلگەنلىكى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتى ۋە مەدەنىيەت تارىخىنىڭ جانلىق شاھىدى سۈپىتىدە ئىزچىل ھالدا خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش ۋە مەدەنىيىتىدىن ئايرىلماي كەلدى. نان غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا يىپەك يولى ئارقىلىق غەربىي يۇرتتىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا كىرگەن. تارىخىي يازمىلاردا جاڭچيەن غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە كەلگەندە، ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا سەپەر ئوزۇقلۇقى ئۈچۈن نان سوۋغا قىلغان. نان ئىچكىرىگە تارقالغاندىن كېيىن ‹‹غۇزلار نېنى›› دەپ ئاتالغان. نان دەسلەپتە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ‹‹ئېسىلزادىلەر يېمەكلىكى››گە ئايلانغان. ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››دا نان ‹‹كۆزمەن››(كۆمەچ)، ‹‹تۇقۇچ››(توقاچ)، ‹‹ئەتمەك››، ‹‹ئەپمەك››، ‹‹ئەپەك››، ‹‹پۈسكەچ››(كاكچانان)، ‹‹سىنچۇ›› (خۇيلىما نان ياكى گىردە) دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. يۇقارقىلار ناننىڭ تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ قەدىمىي ئېسىل يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. نان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل يېمەكلىكىگە ئايلىنىش جەريانىدا ئۇنىڭ تۈرلىرىمۇ كۆپىيىپ بارغان. ناننىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ناننى پىشۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدىغان نان، تونۇردا پىشۇرۇلىدىغان نان، تاۋىدا پىشۇرۇلىدىغان نان، قازاندا پىشۇرۇلىدىغان نان دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. پىشۇرۇش ئورنىغا ئاساسەن ئۆي نېنى، بازار نېنى دېگەن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. يەرلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن بىجاق نېنى(كۇچا چوڭ نېنى)،كەلپىن نېنى(چەپىتە)، گۇچۇڭ توقىچى، لوپنۇر نېنى، غۇلجا نېنى، كورلا نېنى، تاغ نېنى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. ئىشلىتىلىدىغان خام ئەشيالىرىغا ئاساسەن بۇغداي نان، قوناق نان(زاغرا نان)، سۆك نان، ئارپا نان، جۆۋەندە قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. شەكلى، رەڭگى، خۇرۇچلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن گىردە، توقاچ، ئاق نان، دامان نان،ھەمەك نان، كاكچا نان، شىرمەن نان، شېكەر نان، ياغلىق توقاچ، سۈتلۈك توقاچ، سىيادان توقىچى، كۈنجۈتلۈك توقاچ، توي نېنى، سەپەر نېنى، پېتىر نان، گۆشنان، گۆشگىردە، سامسا، پەرمۇدە، قاتلىما، كۆمەچ، قوتۇرماچ، پوشكال، مۇنارنان قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. نان تۈرلىرى ئىچىدە بىجاق نېنى شەكلىنىڭ چوڭ بولۇشى، سوۋغاتلىق قىممىتى، يېيىشلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بىجاق نېنىنىڭ دىيامېتىرى 50سانتىمېتىردىن چوڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى كۇچا خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيانقى باياشادلىق، ئاسايىشلىق، خاتىرجەم تۇرمۇشىنىڭ، شۇنىڭدەك مېھماندوستلۇق، ئاق كۆڭۈللۈك، كەڭ قورساقلىق، ئىجادچانلىق، ئوچۇق – يورۇقلۇق، ئەمگەكچانلىق ۋە تىرىشچانلىقنىڭ مەھسۇلى دېيىشكە بولىدۇ. بىجاق نېنى تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، سۈپەتلىك بۇغداي ئۇنى، سۇ، تۇز، يەرلىك خېمىرتۇرۇچ، پىياز، زىرە، كۈنجۈت، سىيادان، زاراڭزا چېچىكى قاتارلىق خۇرۇچلار ئىشلىتىلىدۇ. بىجاق نېنىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەققىدە ئېنىق يازما مەلۇماتلار بولمىسىمۇ، لېكىن ئەل ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن قاراشلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ناننىڭ خېلى زامانلار ئىلگىرىلا بارلىققا كەلگەنلىكىنى قىياس قىلغىلى بولىدۇ. بەزى كىشىلەر كۈسەن خانى ئاقارى پاك سىڭلىسى جىۋانى ھىندىستانلىق كاتتا زات كاماراتانغا ياتلىق قىلغاندا خانلىقنىڭ شۆھرىتى ۋە كۈسەن خەلقىنىڭ مېھماندوستلۇقى ۋە كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن قۇچاق يەتكۈسىز چوڭ نان ياقتۇرغان. شۇنىڭدىن باشلاپ بىجاق نېنى بارلىققا كەلگەن دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر كۈسەن خەلقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قۇربان ھېيتتا بىجاقلىق بىر باي يۇرت ئىمامىنى چوڭ كۆرۈپ، ئۇنىڭغا بولغان ئىخلاسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس بۇيرۇتۇپ ناھايىتى چوڭ نانلارنى پىشۇرغۇزۇپ ھېيت پەتىسىگە كەلگەن ئىمامنىڭ ئالدىغا قويغان، شۇنىڭدىن كېيىن بىجاق نېنى بارلىققا كەلگەن دەپ قارايدۇ. بىجاق نېنى ھەققىدە ئەل ئارىسىدا مەيلى قانداق قاراشلار بولسۇن بۈگۈنكى كۈندە ئۆي نېنىدىن بازار نېنىغا ۋە تاۋار نانغا ئايلىنىپ، كۇچانىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىكى يېمەك – ئىچمەك بازارلىرىنى قاپلاپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىدىكى مۇھىم يېمەكلىكىگە ئايلىنىشى، بولۇپمۇ بازىرى ئىتتىك، ماركىلىق، سوۋغاتلىق نانغا ئايلىنىپ، دۆلەت ئىچى ھەتتا چېگرا ھالقىپ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولدى. ئۇيغۇر نانلىرىنىڭ بازارغا يۈزلىنىشى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن ھالقىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ يېمەك – ئىچمەك بازارلىرىغا كىرىپ ئەتىۋارلىق يېمەكلىككە ئايلىنىشى نان مەدەنىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، ئىستىقبالغا ئىگە قىلدى. نانلىرىمىزنى سەرخىللاشتۇرۇپ، تۈرلىرىنى كۆپەيتتى، سۈپىتىنى ئۆستۈردى،قىممىتىنى ئاشۇردى.

  
ئىمىنجان كېرىم ئاقشەھىرى

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ