UYNTV

نېپالدىكى قوي تالىشىش پائالىيىتى نارازىلىققا ئۇچرىدى

تەھرىر:زۆھرە تۇرسۇن | كېلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:04-08-2015 12:12

 

  

 

    ئەنگلىيە ‹‹ ئەينەك گېزىتى ››نىڭ 30-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا نېپالنىڭ كاتماندۇ شەھىرى سىرتىدىكى كۇكالا كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دېپوكارى بايرىمىدا يەرلىكلەر قۇرۇق قول قوي تالىشىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. تالىشىش جەريانىدا قوي نەچچە پارچىگە پارچىلىنىپ كېتىدىكەن. بۇنىڭدىن خەۋەردار بولغان ھايۋانلارنى قوغداش تەشكىلاتى قاتتىق نارازىلىق بىلدۇرۇپ، بۇ بايرامنى قەبىھ دەپ ئەيىبلىگەن. دېپوكار بايرىمى نېپالدىكى ئەنئەنىۋى بايراملارنىڭ بىرى. يەرلىكلەر 12 ئەسىردىن باشلاپ قوي تالىشىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ ئىلاھلارغا تاۋاب قىلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 900 يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ بايرام ھەر يىلى ئاۋغۇستتا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بىر كىچىك قوي كۆلچەككە تاشلىنىپ، كىشلەر كۆلچەككە چۈشۈپ قوي نەچچە پارچە بولۇپ كەتكىچە تالىشىدىكەن. ھايۋانلارنى ئاسراش تەشكىلاتى ۋە نېپال ھايۋانلارنى قوغداش تەشكىلاتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ پائالىيەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن. ياۋروپا بىلەن نېپالدىكى خەلقلەر توردا تالاي قېتىم مۇراجىئەت قىلىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق مۇراجىئەت قىلىشقا 53 مىڭ ئادەم قاتناشقان.

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ