UYNTV

مۇڭلۇق ۋە جۇشقۇن ناخشىلار، لەرزان ۋە كۆركەم ئۇسسۇللار تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى

تەھرىر:زۆھرە تۇرسۇن | كېلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:04-08-2015 12:18

 

 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىدىن كۆرۈنۈشلەر

    4–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى 20 – ئىيۇل كەچتە سانجىدىكى شىنجاڭ تىياتىرخانىسىدا داغدۇغىلىق باشلاندى. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئون نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 25 سەنئەت ئۆمىكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ئۆز دۆلىتى ۋە رايونلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مول نادىر سەنئەت نومۇرلىرىدىن 78 مەيدان ئورۇنلاپ بېرىپ، يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىكى ۋە مەردانلىكىنى نامايان قىلدى. ئوخشاشمىغان سەنئەت ئۇسلۇبى ئوخشاش بىر مەيداندا ئۆز لاتاپىتىنى جۇلالاندۇردى، تاماشىبىنلار بۇ ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلاندى، ئوخشاشمىغان مەدەنىيەت، ئوخشاشمىغان قاراش ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو تور ئۇسسۇل بايرىمى، خەلقئارا ئۇسسۇل پېشۋالىرى دەرسى، 2015 – يىللىق يىپەك يولى ئويۇن قويۇش سودا يەرمەنكىسى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى ۋە سەنئەت بۇيۇملىرىنى تالاشتۇرۇپ سېتىش – ئالماشتۇرۇش يىغىنى، ‹‹ئۇسسۇللۇق ھايات، كۈيلۈك سادا شىنجاڭنىڭ قەدىمقى كۈي – ئۇسسۇل سەنئىتىگە دائىر ئەسلىمىلەر›› تېمىسىدىكى شىنجاڭنىڭ كۈي – نەغمە سەنئىتىگە دائىر نادىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مەخسۇس كۆرگەرمىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى. تومۇز ئېيىدا ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى شىنجاڭدىكى ئۇسسۇل ھەۋەسكارلىرىغا سەھنىگە مەركەزلەشكەن، داڭلىق سەنئەتكارلار ئاۋامغا يۈزلەنگەن ھەر تەرەپلىمىلىك سەنئەت بايرىمىنى ئاتا قىلدى. ئۇسسۇل بايرىمى ئۇسسۇل سەنئىتىنى ۋاسىتە قىلغان بولۇپ، دۇنيا ئۇسسۇل سەنئىتى ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، سەنئەت شەكلى ئارقىلىق زامانىۋى مەدەنىيەتكە يۇغۇرۇلۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلغان مۇھىم ۋاسىتىگە، يىپەك يولى مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە ئايلىنىپ، خەلقئارالىق مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئېلىمىزنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان دوستلۇقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغۇسى!

 
 
 
خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ