UYNTV

2015-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا دالىدا تۈنەش يىغىنىنىڭ كۆلدىلەڭ بېكىتى پائالىيىتى باشلاندى

تەھرىر:زۆھرە تۇرسۇن | كېلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:04-08-2015 12:35

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زۇنۇن كېرىم 2015-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا دالىدا تۈنەش يىغىنىنىڭ كۆلدىلەڭ بېكىتى پائالىيىتىدە سۆز قىلماقتا

   قۇربانجان يۇنۇسنىڭ توققۇزتارادىن بەرگەن خەۋىرى: 2015-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا دالىدا تۈنەش يىغىنىنىڭ كۆلدىلەڭ بېكىتى پائالىيىتى توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرىنىڭ بىرى، دۆلەتلىك 4A مەنزىرە رايونى بولغان كۆلدىلەڭ مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. كۆپكۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇتلار ئاستىغا مىڭلىغان كىچىك چېدىرلار تىكىلدى.

   پائالىيەتنى دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تاغقا چىقىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو تاغقا چىقىش جەمئىيىتى، شىنجاڭ تاغقا چىقىش جەمئىيىتى، توققۇزتارا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى، كۆلدىلەڭ تەبىئىي مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. نەق مەيداندا يەنە مىللىيچە ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى، مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە دالا ئىستىراھەت تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى، شۇنداقلا قابانباي چوققىسى(4257 مېتىر)غا تۇنجى قېتىم يامىشىپ چىقىش پائالىيىتى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىپ، تومۇز پەسلىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەل شىنجاڭ دالالىرىدىكى تاغقا يامىشىش ۋە تەنتەربىيە ساياھىتى كاتتا مەرىكىسىگە تېخىمۇ ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى دالىدا تۈنەش پائالىيىتىدە ئۈچ چوڭ مەزمۇندىكى 10 تۈرلۈك پائالىيەت، يەنى: تاغلىق رايوندا 13 كىلومېتىر يۈرۈش، لاگېرنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەش قاتارلىق ماھارەت مۇسابىقىسى؛ ئارغامچا تارتىشىش، قارىغا ئېتىش، چېدىر تىكىش، ئۈچ ئادەم تۆت پۇتلاپ مېڭىش، پىۋا ئىچىش قاتارلىق لاگېر كۆڭۈل ئېچىش مۇسابىقە تۈرلىرى؛  چېلىشىش قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

   بۇ دالا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغان دالا ھەۋەسكارلىرى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋە شىنجاڭ تاغقا چىقىش جەمئىيىتىگە ئەزا ئورۇنلار تەشكىللىگەن دالا كۇلۇبى، شەخسىي ئاپتوموبىل كۇلۇبى، ئىلى ئوبلاستى ۋە قورغاس ناھىيەسى تەشكىللىگەن دالا كۇلۇبى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەشكىللىگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار بولۇپ 3000 ئادەمدىن ئاشىدىكەن. 

جۇڭگو تاغقا چىقىش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ يۇڭ سۆز قىلماقتا

تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىلى سۆز قىلماقتا

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ