UYNTV

ئوسما ۋە ئۇنىڭ رولى

تەھرىر:زۆھرە تۇرسۇن | كېلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:05-08-2015 11:29

 

راخمانجان رۇسۇل

    ئوسما ئاساسەن شىنجاڭدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان يوپۇرمىقى ئۇزۇن ئېللىپىسسىمان، رەڭگى كۈلرەڭ، گۈلى ئۇششاق سېرىق، يېتىلگەندە قارا سۆسۈن رەڭدە بولىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، قاش ئۆستۈرۈش، چاچ ئۆستۈرۈش رولى بار. ئوسما يىلتىزىنى پاكىز يۇيۇپ، ئازراق زەنجىۋىل بىلەن سۇس ئوتتا قاينىتىپ، تىنغاندىن كېيىن تىرىپىنى ئەلگەك بىلەن سۈزۈۋېتىپ ئىچىپ بەرسە قىزىتما چۈشۈرۈش، ئىسسىقنى ھەيدەش، زەھەر قايتۇرۇش، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش، قاننى سۇۋۇتۇش، داغ چۈشۈرۈش، جىددىي خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى، تارقىلىشچان زوكام، جىددىي خاراكتېرلىك كېكىردەك ياللۇغى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلغاندىن باشقا، قاشنى گۈزەللەشتۈرۈش، قويۇق ئۆستۈرۈش، چاچ چىقىرىش رولى بار. لېكىن ئوسما يىلتىزى سۈيى سوغۇقتىن بولغان زۇكامغا ماس كەلمەيدۇ. ئۇنى ئۇزاق مەزگىل نورمىدىن ئارتۇق ئىچكەندە بەدەننى زەخىملەندۈرىدۇ، بولۇپمۇ تال، ئاشقازانغا بەكرەك زىيانلىق بولۇپ، ئاشقازان ئاغرىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئوسما يوپۇرمىقىدا تىنىكتورا دەپ ئاتىلىدىغان ماددا بار بولۇپ، ئۇ خىل ماددىنى ئايرىپ ئېلىپ، بوياقچىلىق سانائىتىنىڭ، شۇنداقلا گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ خام ئەشياسى قىلىشقا بولىدۇ.

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ