UYNTV

قەشقەر كوناشەھەردىكى گۈزەل مەنزىرىلەر

تەھرىر:زۆھرە تۇرسۇن | كېلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:05-08-2015 12:08

   تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: قەشقەرگە بارمىغانلار شىنجاڭغا كەلمىگەن بولىدۇ. شىنجاڭغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى بۇ سۆزنى ئوبدان بىلىدۇ. بۇ سۆزدە قەشقەرنىڭ ساياھەتتىكى ئورنى ئېنىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. 2015-يىلى 20-ئىيۇل ئېچىلغان مەملىكەتلىك شىنجاڭغا ساياھەتچىلىكتە ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى قەشقەر كوناشەھەر 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىغا رەسمىي ۋىۋىسكا بەردى، بۇنىڭ بىلەن كوناشەھەر رايونى بۇ يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 15 ۋىۋىسكا تەقدىم قىلىنغان 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنىڭ بىرى، شۇنداقلا شىنجاڭدا بۇ يىل بىردىنبىر 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ۋىۋىسكىسىغا ئېرىشكەن مەنزىرە رايونى، يەنە شىنجاڭ بويىچە تۇنجى 5A دەرىجىلىك تارىخىي ئادىمىيەت مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدۇ. 2-ئاۋغۇست قەشقەر كوناشەھەرگە بېرىپ شۇنى كۆردۇقكى، ھېيتگاھ جامەسى مەيدانى يېنىدا بىر توپ ياشلار خۇشال-خۇرام پاراڭلىشىۋاتاتتى، بەزىلىرى ئويناۋاتاتتى.... . بۇ مەنزىرىلەر كىشىگە ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگىچە تۇيغۇلارنى بېغىشلايدۇ.

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ