UYNTV

قەشقەر شەھىرىدە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى دوپپا-تۇماق كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

تەھرىر:زۆھرە تۇرسۇن | كېلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:05-08-2015 12:14

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر شەھەرلىك « قامەت » دوپپا-تۇماق جەمئىيىتى 4-ئاۋغۇست قەشقەر شەھىرىدىكى قەدىمىي دوپپا بازىرىدىكى ئۇيغۇر دوپپا-تۇماق سودا كوچىسىدا ئۇيغۇر دوپپا-تۇماق كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى. قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ئەنۋەر تۇرسۇن قاتارلىق رەھبەرلەر، جايلاردىن كەلگەن ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر،  زىيالىلار، دوپپىچىلىق ئۇستىلىرى، سودىگەرلەر ۋە مۇخبىرلار بولۇپ يۈز كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى. پائالىيەتتە ئۇيغۇر دوپپا-تۇماقچىلىق قول ھۈنەر سەنئىتىنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى تەرەققىياتى، دوپپا-تۇماقىچىلىق جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇلدى. نەچچە ئەۋلاد ئۇيغۇر دوپپىچىلىق ھۈنىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن دوپپىچىلىق ۋارىسلىرىغا تون كىيگۈزۈلدى. كۆپچىلىك قەشقەردىكى دوپپىچىلار تىكىپ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇغان سەرخىل دوپا-تۇماقلارنى كۆزدىن كۆچۈردى.

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ