UYNTV

ھېكايە فىلىم − «مېنىڭ بايرىقىم» تۇنجى قويۇلدى

تەھرىر:ئىلھام راخمان | كېلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:08-09-2015 16:23

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا سوۋغا قىلىنىدىغان، شىنجاڭ «داسىن» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئىشلەشنى ئۈستىگە ئالغان، ۋەتەننى سۆيۈش ئارزۇسى كۈچلۈك دېھقان خۇدابەردى ئىمىننىڭ ھەقىقىي ئىش - ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن ھېكايە فىلىم −− «مېنىڭ بايرىقىم»نىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  فىلىمدە ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ تۇمشۇق بازىرى لەڭگەر كەنتىدىكى دېھقان خۇدابەردى ئىمىننىڭ 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۆز ھويلىسىدا ھەر كۈنى بايراق چىقىرىپ كەلگەنلىكىدەك ھەقىقىي ۋەقەلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ فىلىمگە داڭلىق رېژىسسور يەن چىڭشيۇ رېژىسسورلۇق قىلغان، «ئانارخان» فىلىمىدە ئانارخاننىڭ دادىسى، «شۇنداق بىر گۈل بار» فىلىمىدە رەيھانگۈلنىڭ دادىسىنىڭ رولىنى ئالغان ئىلغار ئابدۇرېھىم بۇ فىلىمدىكى باش پىرسوناژ مۇساجاننىڭ رولىنى ئالغان، فىلىمنىڭ مۇزىكىسىنى ياش كومپوزىتور ئابلەت ئابلىكىم ئىشلىگەن.

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ